|
Word2003نى ئۆگىتىش يۇمشاق دېتالى
بۇ يۇمشاق دېتال-Microsoft Office ئائىلىسىدىكى ئىشخانا
ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى Word 2003نى تونۇشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق
كەڭ كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پاساھەتلىك ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆركەم
بەتلەرنىڭ لايىھىلەش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت تەرەپلەردىكى يازما
ماتېرىياللىرىنى Wordئارقىلىق قولايلىق بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم
قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ ئومۇمىي
چۈشەندۈرۈش ۋاقتى ئىككى سائەت، مەزمۇن جەھەتتىن ئۈچ چوڭ بۆلۈمگە
بۆلۈنگەن.
بىرىنچى بۆلۈم - ئاساسىي بىلىملەر
word ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچىسى بولمىغان ئىشلەتكۈچىلەرگىمۇ
ماس كىلىدىغان بولۇپ،Word نى قاچىلاش،Word بىلەن تونۇشۇش، پۈتكۈل
تەڭشەش، ئاساسلىق ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە دەسلەپكى قەدەملىك بىر
قانچە مىساللار چۈشەندۈرۈلگەن.
ئىككىنچى بۆلۈم - قوللىنىشچان مىساللار
Word ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە سەۋىيىسى بار بولغانلار ئۈچۈن ماس
كەلگەن بولۇپ، جەدۋەل بىر تەرەپ قىلىش، رەسىم مەشغۇلاتى، تېكست
رامكىسى،سېخىما،گرافىك ۋە فورمۇلا توغرىسىدىكى مەزمۇنلار
چۈشەندۈرۈلگەن.
ئۈچىنچى بۆلۈم - يۇقىرى دەرىجىلىك قوللىنىش
بۇ بۆلۈمدە مۇرەككەپلىك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان
مەزمۇنلار يەنى پاسون، فورمات، مۇندەرىجە ۋە ھۆججەت مەخپىيەتلىكىگە
دائىر مەزمۇنلار چۈشەندۈرۈلگەن.
|
|
|