سىستېما ھەققىدە  
سىستېمىنىڭ تۈرلىرى  
كىرگۈزۈلگەن جەۋەللەر  
سىستېمىدىن كۆرۈنۈشلەر  
سېتىۋىلىش تەرتىپى  
سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش  
ئىشلىتىش قوللانمىسى  
كۆپ ئۇچرايدىغان سۇئاللار  
     
     
     
   
        ئىككى ئاساسەن ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تۈرلىرى

   
سىستېما چوڭ جەھەتتىن ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
  • يەككە كومپيۇتېرلىق نۇسخىسى.
    يەككە كومپيۇتېرلىق نۇسخىسىنى پەقەت بىرلا كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، نوپۇس سانى ئازراق بولغان يېزا-بازارلارنىڭ ئارخىپىنى ئىشلەشكە ماس كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە سىستېمىنىڭ ساقلاش سىغىمىغا چەك قويۇلمىغان لېكىن كىرگۈزۈلىدىغان ئۇچۇرلار پەقەت شۇ بىرلا كومپيۇتېر ئارقىلىق كىرگۈزۈلۈپ تەھرىرلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇچۇر كىرگۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە كېتىدىغان ۋاقىت بىر ئاز كۆپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ نۇسخىسى، نوپۇسى ئاز بولغان رايونلارغا ماس كېلىدۇ.

  • كۆپ كومپيۇتېرلىق نۇسخىسى.
    يەككە كومپيۇتېرلىق نۇسخىسىنىڭ پۈتكۈل ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا، ئاساسى پروگراممىسى ئوخشاشلا بىرلا كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدۇ. لېكىن قوشۇمچە ئۇچۇر كىرگۈزۈش بۆلىكى تەمىنلەنگەن بولغاچقا، قوشۇمچە بۆلىكىنى بىر قانچە كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئۇچۇر كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. بۇ نۇسخىسى نوپۇسى كۆپ بولغان رايونلارغىمۇ ماس كېلىدۇ. ئۇچۇر كىرگۈزۈش بۆلىكىنى قاچىلاشتا كومپيۇتېرلارنىڭ تورلاشقان بولىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئورنى ئوخشاش بولمىغان مۇستەقىل كومپيۇتېرلارغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بارلىق ئۇچۇرلارنى بىرقانچە مۇستەقىل كومپيۇتېردا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن ئاخىرىدا ئاساسى پروگرامما قاچىلانغان كومپيۇتېرغا يىغىپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.

  • ناھىيە-شەھەر نۇسخىسى.
    بۇ نۇسخىسىغا قولدا تەپسىلى ئۇچۇر كىرگۈزۈلمەيدۇ. پەقەت يۇقۇرىدىكى ئىككى خىل نۇسخىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ناھىيە-شەھەرنىڭ ئومۇمىي خۇلاسىسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ.
        
يەككە كومپيۇتېرلىق نۇسخىسىنى بىلەن كۆپ كومپيۇتېرلىق نۇسخىسىنىڭ ھەرئىككىلىسى، ناھىيە-شەھەر نۇسخىسى بىلەن ماسلىشىپ خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، پۈتكۈل ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلۈپ ھېسابلاش ئاخىرلاشقاندا، شۇ يېزا-بازارنىڭ ئومۇمىي خۇلاسىسىنى مۇستەقىل بىر ھۆججەت شەكىلدە چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ ھۆججەتنى ناھىيە-شەھەر نۇسخىسىنىڭ سان ئامبىرىغا قوشۇش ئارقىلىق ناھىيە-شەھەرنىڭ ئومۇمىي خۇلاسىسىنى چىقىرىشقا بولىدۇ.
دېمەك: بىرەر ناھىيە-شەھەرنىڭ ئومۇمىي خۇلاسىسىنى بىر نەچچە سىكونىتتىلا ھېسابلاپ چىقىرىشقا بولىدۇ.

 
شىنجاڭ كۆزنەك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
         © 2008 Koznak Company. All rights reserved.
0991-8555913