| |
|
|
| |
«ئىككى
ئاساسەن» ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى
Statistics يۇمشاق دېتالى بولسا مائارىپ سىستېمىسىدىكى
«ئىككى ئاساسەن» ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى
بولۇپ، بۇ سىستېمىنى تۈزۈش خىزمىتى 2005-يىلى 6-ئايدا
باشلىنىپ، 2005-يىلى 1.0 نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن
باشلاپ ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، داۋاملىق نەشرى
يېڭىلىنىپ بۈگۈنكى كۈندە بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ 2.7
نۇسخىسى مەيدانغا كەلدى.
بۇ يۇمشاق دېتال «ئىككى ئاساسەن» ئارخىپ
جەدۋەللىرىدىكى A1,A2,A6 قاتارلىق ئۈچ خىل
كۆرسەتكۈچنىڭ كۆپ قىسىم تىزىملىك ۋە ستاتىستىكا
جەدۋەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ سىستېما
ئارقىلىق مەشغۇلات ئىلىپ بارغاندا ئىشلەتكۈچىلەر پەقەت
ئائىلە مەدەنىيەت ئارخىپى، سىرتتتىن يۆتكىلىپ كېلىپ
ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپى... قاتارلىق بىر
نەچچە تۈرلۈك ئارخىپنىلا تويغۇزۇپلا بەرسە، باشقا
تىزىملىك ۋە ستاتىستىكا جەدۋەللىرىنى سىستېما
ئاپتۇماتىك تولدۇرۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ جەدۋەل
تولدۇرۇش ستاتىستىكا ئىشلەش... جەريانلىرىدىكى نەچچە
ئون قېتىملىق قايتىلىما ئەمگىكىنى يەڭگىللىتەلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا سىستېمىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك
ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى: يىل ئالماشقاندا پۈتكۈل
تىزىملىكنى قايتا كىرگۈزۈشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت
يېڭىدىن قوشۇلغان ۋە يۆتكىلىپ كەتكەن... نوپۇسلارنى
كىرگۈزۈپلا قويسا بولىدۇ. ئاخىردا بىرلا كونۇپكا
ئارقىلىق ئالدىنقى يىللىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى
نۆۋەتتىكى يىلنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ
(مەسىلەن: ياشنى ئاپتۇماتىك ئۆستۈرۈش، سىنىپ كۆچۈش،
مەكتەپ ئالمىشىش... قاتارلىقلارنى كۆپ سانلىق
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆپ قىسىم
ئۇچۇرلارنى ئاپتۇماتىك ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. بىر قىسىم
ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار بولسا ئىشلەتكۈچىلەر
ئۆزلىرى ئايرىم ئۆزگەرتىش ئىلىپ بېرىشقىمۇ بولىدۇ).
سىستېما ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى خىل تىلدا
ئىشلەنگەن بولۇپ، ئىككى خىل تىلدىكى نۇسخىسىدا
كىرگۈزۈلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى بىر-بىرى بىلەن
توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ. ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا كىرگۈزۈلگەن
سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خۇلاسىسىنى خەنزۇچە نۇسخىسىدا
ھېسابلاشقا ياكى، خەنزۇچە نۇسخىسىدا كىرگۈزۈلگەن
ئۇچۇرلارنىڭ خۇلاسىسىنى ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا ھېسابلاپ
چىقىشقىمۇ بولىدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتالUnicode 4.0 ئۆلچىمىنى ئاساس
قىلغان. ئىشلەش مۇھىتى Windows
2000/XP/Vistaقاتارلىقلار.
|
|
|