مۇلازىمەتلىرىمىز
تور قۇرۇلۇشى
تور بەت ئىشلەش مۇلازىمىتى
ئىدارە-ئورگان، مەكتەپ، شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ھەرخىل
تۈردىكى تور بېكەتلىرى تەلەپكە ئاساسەن ئىشلەش، ۋە ئاسراش ...
قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە ھاجىتىڭىز چۈشسە، بىز سىزنى ھەر ۋاقىت
سىزنى ئەتراپلىق، ۋە ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.
تور بىكەتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلەش مۇھىتى جەھەتتە سىز
ئىشلىتىۋاتقان مۇلازىمىتىر ۋە ساھەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن
HTML,ASP,ASP.Net, PHP, JSP... قاتارلىق تور بەت لايىھىلەش
تىللىرىنىڭ خالىغان بىرىدە تەلىپىڭىز بويىچە ئىشلەشكە
كاپالەتلىك قىلىمىز. ھەمدە تور بېكىتىڭىزنى ئىككى ئايغىچە
ھەقسىز تەشۋىق قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا تور بېكەت تۈزۈلۈپ
ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ بىر يىلغىچە ھەقسىز يېڭىلاش ۋە
ئاسراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.
بىر يىللىق ئاسراش مۇلازىمىتى جەريانىدا تور بېكەتنىڭ
ھەرخىل سەھىپىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلاش، مەزمۇنلارنى
داۋاملىق يېڭىلاش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار پۈتۈنلەي ھەقسىز
بولىدۇ. بېكەتنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى ئۆزگەرتىلمىگەن ئاساستا
بەتنىڭ مەلۇم سەھىپىلىرىنى قايتا تەڭشەش، مەلۇم سەھىپىلەرگە
تۈر قۇشۇش ۋە ئۆزگەرتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن
تەمىنلىنىدۇ. بۇنىڭ قېتىم سانى چەكلەنمەيدۇ. ناۋادا پۈتكۈل
بەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولسا بۇنىڭغا مۇۋاپىق ھەق
ئىلىنىدۇ.
تور بېكەت ئىشلەش ھەققى: بۇ جەھەتتە ئىشلەتكۈچىنىڭ تور
بېكەتكە بولغان تەلىپى، تور بېكەتنى تۈزۈشتە ئىشلەتكەن
پروگرامما لايىھىلەش مۇھىتى... قاتارلىق ئامىللار ئېنىق
بولغاندىن كېيىن، ئاندىن كېيىن تور بېكەت ئىشلەش ھەققىي
بېكىتىلىدۇ.
تور بېكەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش مۇلازىمىتى
ئىدارە-ئورگان، مەكتەپ، شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ھەر خىل
تۈردىكى تور بېكەتلىرىنىڭ پروگراممىلىرىدا مەلۇم جەھەتتە مەلۇم
مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، بۇ مەسىلە شۇ تور بېكەتنىڭ
بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ تور
بېكىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى ۋە
باشقىلارنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپ قىلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا
بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن تور بېكەتلەرگە ئىشلەتكەن
پروگراممىلارنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، بۇلاردا ساقلانغان يوچۇقلارنى
ئېتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇشقا تىگىشلىك پروگراممىلارنى ئەلالاشتۇرۇش
كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا تور بەتلەردىكى ھالقىلىق بەتلەرگە بىر
قىسىم كودلارنىڭ ئىجرا بولىشىنى توسىدىغان پروگراممىلارنى
يېزىق ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بار بولغان يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە
تور بېكەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى مەۋجۇت ئەمەس دىيىشكە بولمايدۇ.
ناۋادا سىزمۇ يۇقۇرىدىكى ئەھۋاللارغا يولۇققان بولسىڭىز،
ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. شىركىتىمىز
دەل يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تور بېكەت
بىخەتەرلىكىنى ۋەكالىتەن قوغداش مۇلازىمىتى بىلەن
تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن ئاز تەننەرخ بىلەن
تور بېكىتىنىڭىزنىڭ راۋان، بىخەتەر خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك
قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق سىزمۇ تور بېكىتىڭىزنىڭ
ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي
ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىڭىزگە خىلى كۆپ پايدىسى تېگىدۇ.
قىسمەن دائىرىلىك تور قۇرۇلۇشى
ئىدارە-ئورگان، مەكتەپ، شىركەت، تورخانا ۋە شەخسلەرنىڭ
قىسمەن دائىرىلىك تور قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان
تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئىلگىرى تورلاشتۇرۇلۇپ بولغان
كومپيۇتېرلارنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ۋە قوللىنىشچان
سىستېمىلىرىنى يېڭىلاش، تور قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، ئاسراش،
دىسكىسىز خىزمەت پونكىتى قۇرۇش، تورخانىلار ئۈچۈن مەخسۇس
قىسمەن دائىرىلىك توردا خىزمەت قىلىدىغان كۆپ ۋاسىتىلىك
مۇلازىمەت تور بېتى تۈزۈش... قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن
تەمىنلەيمىز.
يۇمشاق دېتال ئىشلەش مۇلازىمىتى
ئىدارە-ئورگان، مەكتەپ، شىركەت، تورخانا ۋە شەخسلەرگە
ھەر خىل تۈردىكى، ھەرخىل تىلدىكى C/S ۋە B/S شەكىلدىكى ئۇچۇر
باشقۇرۇش سىستېمىلىرى، ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار،
ۋە ھەر ساھەگە ماس بولغان كەسپىي يۇمشاق دېتاللار...
قاتارلىقلارنى تەلەپ بويىچە سان،سۈپەت ۋە ۋاقىتقا كاپالەتلىك
قىلغان ئاساستا ئىشلەپ بىرىمىز.
يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش
شىركىتىمىز ھەرقايسى جايلاردىكى كومپيۇتېر
ئۆگەنگۈچىلەرگە تېخىمۇ قولايلىق بولغان ئۆگىنىش شارائىتى
يارىتىش ۋە سۈپەتلىك بولغان ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى بىلەن
تەمىنلەپ، ئۆگەنگۈچىلەرنى قىسقا ۋاقىتتا ئۆزى كۆزلىگەن ئۈنۈمگە
يېتىشىگە قىسقا يول ھازىرلاش مەقسىتىدە، تور ئارقىلىق ئوقۇتۇش
مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئاساسلىقى كومپيۇتېرنىڭ دەسلەپكى
بىلىملىرىدىن باشلىنىپ، مەشغۇلات سىستېمىسى، ئىشخانا
ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىش ۋە يۇقىرى
دەرىجىلىك مەشغۇلاتلار، تور بەت لايىھىلەش، يۇمشاق دېتال
لايىھىلەش، تور قۇرۇلۇشى، توردىن پايدىلىنىش، ئېلېكترونلۇق
سودا بىلىملىرى... قاتارلىق مەزمۇنلاردىن باشقا باشلانغۇچ ۋە
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك دەرسلىكلىرى...
قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، تەربىيىلەش دائىرىسى
بىر قەدەر كەڭ. (بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى مەزمۇنلارنى
تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرگەيسىز).
|
|
 |
|
مۇلازىمەتلىرىمىز |
|
|
|
تور قۇرۇلۇشى |
|
|
|
تور بەت تۈزۈش |
|
|
|
تور بېكەت بېخەتەرلىكى |
|
|
|
دائىرىلىك تور قۇرۇلۇشى |
|
|
|
|
يۇمشاق دېتال ئىشلەش |
|
|
|
يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش |
|
 |
[ئېلان]
|