«ئىككى ئاساسەن» ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى
 Statistics يۇمشاق دېتالى بولسا مائارىپ سىستېمىسىدىكى «ئىككى ئاساسەن» ئارخىپلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى بولۇپ، بۇ سىستېمىنى تۈزۈش خىزمىتى 2005-يىلى 6-ئايدا باشلىنىپ، 2005-يىلى 1.0 نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن باشلاپ ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، داۋاملىق نەشرى يېڭىلىنىپ بۈگۈنكى كۈندە بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ 2.6 نۇسخىسى مەيدانغا كەلدى.
CSMS
 قول تېلېفۇن تىجارىتى ياكى قول تېلېفۇن رېمونتچىلىقى بىلەن شۇغۇنلىنامسىز؟
خېرىدارلىرىڭىز بىلەن بولغان مۇرەككەپ ئالاقە مۇناسىۋىتىدە قىينالغانمىدىڭىز؟ ئەمدى ئەمدى ئەنسىرىمەڭ. سىز بىر ياخشى ياردەمچىگە ئېرىشتىڭىز. ئۇ بولسىمۇ شىركىتىمىز مەخسۇس قول تېلېفۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان «خېرىدارلار مۇلازىمەت خاتىرىسى» يۇمشاق دېتالى.
Password
 ھۆججەتكە مەخپىي شىفىر ئورنىتىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ھەرقانداق ھۆججەتنى مەخپىيلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتال 32خانىلىق مەخپىي شىفىرنى قوللايدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكى يۇقىرى، مەخپىي شىفىر ھۆججەت بىلەن قوشۇپ ساقلانمايدىغان بولغاچقا، مەخپىي شىفىرىنىڭ ئىچىلىپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.
Imperator
 Unicode ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ.
بۇ يۇمشاق دېتال Windows مۇھىتىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ بولۇپ،Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا Unicode نى قوللايدىغان يۇمشاق دېتاللارغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
Word2003 نى ئۆگىتىش يۇمشاق دېتالى
 بۇ يۇمشاق دېتال-Microsoft Office ئائىلىسىدىكى ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى Word 2003نى تونۇشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق كەڭ كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ پاساھەتلىك ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆركەم بەتلەرنى لايىھىلەش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت تەرەپلەردىكى يازما ماتېرىياللىرىنى Wordئارقىلىق قولايلىق بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ ئومۇمىي چۈشەندۈرۈش ۋاقتى ئىككى سائەت، مەزمۇن جەھەتتىن ئۈچ چوڭ بۆلۈمگە بۆلۈنگەن.
Koznak Messenger
 Koznak Messenger بولسا خەلقئارا توردا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ MSN Messenger,ICQ, Yahoo Messenger قاتارلىقلارغا ئوخشاش ، نۇقتىدىن نۇقتىغا ئۇچۇر يوللاش يۇمشاق دېتالى.


   
شىنجاڭ كۆزنەك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
         © 2008 Koznak Company. All rights reserved.
0991-8555913