• شىركەت ھەققىدە
  • باشقۇرۇش قاتلىمى
  • ماركا
  • شىركەت يىلنامىسى
  • شىركەت يېڭىلىقلىرى
  • خىزمەت ئۇچۇرى
  • ئالبۇم
 

   ئۇچۇر تېخنىكىسى تىز سۈرئەتتە يېڭىلىنىپ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئومۇمىي پەن-تېخنىكىنىڭ «خان تاجىسى» غا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، يۇمشاق دېتال سانائىتى ھەرقايسى ئەل ۋە مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان يەنە بىر تەرەپ بولۇپ قالدى.
    يۇمشاق دېتال خۇددى ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ مېڭىگە ئوخشاش، بارچە ئېغىر ۋە يېنىك قۇرۇلمىلارنىڭ ئۈنۈملۈك كونترول تىزگىنىگە ئايلاندى.
    دەۋرنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ئۇلىشىپ خەلقىمىز ئارىسىدىمۇ ۋاقىت، ئادەم كۈچى ۋە زېھنى سەرپىياتىنى كۆپ يەڭگىللىتىش ئېھتىياجى بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە يۇمشاق دېتال سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس كارخانا ۋە ئورۇنلار بارلىققا كەلدى. بۈيۈك ئارزۇلار بىلەن قۇرۇلغان كۆزنەك پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۇنىڭ بىر مىسالى.
    شىركىتىمىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسۋەتلىك مەمۇرىي تارماقلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن2005-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆزنەك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاساسىدا 2007-يىلى 6-ئايدا  شىنجاڭ كۆزنەك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەن .
    مەزكۇر شىركەت، يۇمشاق دېتال ئېچىش كەسپى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت شۇغۇللانغان ۋە يېڭىدىن تونۇلىۋاتقان يۇمشاق دېتال مۇتەخەسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، كەسپىي خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مائارىپ، قانۇنچىلىق، سودا، پەن-تېخنىكا، دېھقانچىلىق، كارخانا باشقۇرۇش، ئاخبارات-نەشرىيات... قاتارلىق سىستېما ۋە ساھەلەردە زۆرۈر قوللىنىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
    شىركىتىمىز رايون تەۋەسىدە ئەۋزەل تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە، بىر تۈركۈم ئىلغار ئىدىيىلىك،ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي تەجرىبە ۋە يۇقىرى بىلىم سەۋىيە ئىگە كەسپىي خادىملار جەم بولغان پەن-تېخنىكا شىركىتى.شىركىتىمىز قۇرۇلغان قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ خېرىدارلىرىمىزنى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ،تېز ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قاندۇرۇپ،ئۇيغۇر كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.
    كۆزنەك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى:"پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلىش، قىزغىنلىق بىلەن ھەمكارلىشىش،ھازىرقى ئەھۋالى بىلەنلا قانائەت قىلىپ قالماي ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش" نى نىشان قىلىپ ،ياخشى شىركەت ئوبرازىنى تىكلەپ ، تەرەققىيات جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشماقچى.
     سىلەرنىڭ يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ ،قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلار بىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ كېتىشىمىزنىڭ، يېڭلىق يارىتىشىمىزنىڭ، كەلگۈسى تەرەققىياتىمىزنىڭ ئاساسى!
     ساپ دىل ،پاك نىيەت بىلەن خېرىدارلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ،ھەر بىر خېرىدارغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ،مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ،خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تىرىشىش ،خېرىدارلار بىلەن ئورتاقلىشىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ،خېرىدارلارنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش بىزنىڭ بۇرچىمىز.

 
   
شىنجاڭ كۆزنەك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
         © 2008 Koznak Company. All rights reserved.
0991-8555913