|
Password
Password بولسا ھۆججەتكە مەخپىي شىفىر ئورنىتىش يۇمشاق
دېتالى بولۇپ، ھەرقانداق ھۆججەتنى مەخپىيلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتال 32خانىلىق مەخپىي شىفىرنى قوللايدىغان بولۇپ،
بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكى
يۇقىرى، مەخپىي شىفىر ھۆججەت بىلەن قوشۇپ ساقلانمايدىغان بولغاچقا،
مەخپىي شىفىرىنىڭ ئىچىلىپ كېتىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. شۇڭا
مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ھۆججەتنىڭ شىفىرىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز ھۆججەتنى
ئەسلىگە كەلتۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
بۇ سىستېمىنىڭ مەخپىيلەشتۈرۈش پرىنسىپى Microsoft Word/Excel
قاتارلىقلارنىڭ مەخپىيلەشتۈرۈش پرىنسىپىغا ئوخشىمايدىغان بولغاچقا، ھەر
قانداق تۈردىكى مەخپىي شىفىر يىشىش قورالىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ
سىستېمىدا مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىڭ شىفىرىنى ئاچقىلى بولمايدۇ.
شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ مۇھىم ھۆججەت- ماتېرىياللىرىڭىزنى بۇ ئارقىلىق
مەخپىيلەشتۈرۈپ ساقلاپ قويسىڭىز، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن خاتىرجەم
بولسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ دائىملىق
ماتېرىياللىرىنى بىر قىسىم شىركەت ۋە شەخسلەر تەمىنلىگەن ھەقسىز
بوشلۇقلارغا يوللاپ قويۇپ لازىم بولغاندا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدۇ. لېكىن
بۇنداق ھەقسىز بېكەتلەرنىڭ بىر قىسمى سىزنىڭ
ھۆججەت-ماتېرىياللىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا دوستلىرىڭىزغا ئېلېكترونلۇق يوللانما يوللىغاندا ھۆججەت
- ماتېرىيال ياكى يېزىقنى بىۋاستە ئەۋەتكەندە بۇنىڭ بىخەتەرلىك ئانچە
يۇقىرى بولمايدۇ. شۇڭا يوللانما مەزمۇنىنى ھۆججەت شەكىلدە ساقلاپ،
مەخپىيلەشتۈرۈپ ئەۋەتسىڭىز، يوللانمىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئوغۇرلۇقچە
كۆرۈپ قىلىشىدىن ۋە بىر قىسىم سۈزگۈچ سىستېمىلارنىڭ تاسقىشىدىن
ساقلىنالايسىز. لېكىن قارشى تەرەپتىمۇ چوقۇم بۇ سىستېما بولىشى كېرەك.
ئۇنداق بولمىغاندا مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ماتېرىيالنى ئاچقىلى بولمايدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا
بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق بولغان مەشغۇلات مۇھىتى بىلەن
تەمىنلىگەن.
بۇ يۇمشاق دېتال پۈتۈنلەي ھەقسىز.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلەش مۇھىتى: Windows 2000/XP/2003
قاتارلىقلار.
|
|
 |
|
Password |
Password ھەققىدە |
سىستېمىدىن كۆرۈنۈشلەر |
ئىشلىتىش قوللانمىسى |
چۈشۈرۈش |
 |
|