Koznak Messenger 

        Koznak Messenger
    
     Koznak Messenger بولسا خەلقئارا توردا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ  MSN Messenger,ICQ, Yahoo Messenger  قاتارلىقلارغا ئوخشاش ، نۇقتىدىن نۇقتىغا ئۇچۇر يوللاش يۇمشاق دېتالى.

       
ئاساسلىق ئىقتىدارى:
      بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، ئىنتېرنېت تورىدا نۇقتىدىن نۇقتىغا ئۇچۇر يوللاش ۋە قوبۇللاش بولۇپ، يېزىق، ئاۋاز ۋە سۈرەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ھەمدە يەككە ئىشلەتكۈچىلەر ۋە كارخانا تىپىدىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئىنتېرنېت تورىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان بىر قىسىم قوشۇمچە تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆپ موھىتلىق ئۇچۇر ئالاقە قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلەتكۈچىلەرگە بىر قىسىم قولايلىقلارنى ئىلىپ كېلىدۇ. (نۆۋەتتە پەقەت بىر قىسىم ئىقتىدارىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بارا-بارا تولۇقلىنىپ ئىشلىنىدۇ).

     
ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش شەكلى:
     ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا TCP ۋە UDP شەكىللىرىنى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇچۇر يوللاش ۋە قوبۇللاش بۆلىكىگە خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش شەكىللىرى قوللىنىلغان (MSN Messenger,Yahoo Messenger...) بولۇپ، ھازىرچە مۇقىملىق ۋە باشقا جەھەتلەردە خەلقئارادىكى داڭلىق يۇمشاق دېتاللارغا يەتمىسىمۇ لېكىن پرىنسىپ جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۆلچەملەشكەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش شەكلى قوللىنىلغان.

     
يوللىنىدىغان ئۇچۇرلارنى قوللاش دائىرىسى:
     ئۇچۇر كىرگۈزۈش جەھەتتە Unicode ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ھەرخىل يېزىقىتىكى ئۇچۇرلارنى ئارىلاشتۇرۇپ كىرگۈزۈشكە ۋە يوللاش، تاپشۇرۇپ ئىلىشقا بولىدۇ.

     
ئۇچۇرنىڭ بىخەتەرلىكى:
      يوللىنىدىغان ئۇچۇرلار ئالدى بىلەن تۇراقلىق مەخپىيلەشتۈرۈش ۋە ھەرىكەتچان مەخپىيلەشتۈرۈش جەريانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن قارشى تەرەپكە ئەۋەتىلىدۇ. قارشى تەرەپ ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇچۇرنىڭ مەخپىيلەشتۈرۈلۈش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئۇچۇرنى يېشىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئاندىن كۆرەلەيدۇ. بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ئاپتۇماتىك ئورۇندىلىدۇ.

     
ئۇچۇر يوللاش ۋە تاپشۇرۇپ ئىلىش تىزلىكى:
      يوللىنىدىغان ئۇچۇرلار ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرى ئاپتۇماتىك پىرىسلاش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ ئاندىن يوللىنىدىغان بولغاچقا، چوڭ سىغىمدىكى ئۇچۇرلارنى يوللاشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى قىسقارتىپ، ئۇچۇر يوللاش تىزلىكى ئاشۇرۇلغان.

Koznak Messenger
Koznak Messenger ھەققىدە
ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار
سىستېمىدىن كۆرۈنۈشلەر
ئىشلىتىش قوللانمىسى
چۈشۈرۈش
سىستېما ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلەر
 

ئۈرۈمچى كۆزنەك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
http://www.koznak.com
2312553-0991