|
CSMS
قول تېلېفۇن تىجارىتى ياكى قول تېلېفۇن رېمونتچىلىقى
بىلەن شۇغۇللىنامسىز؟
خېرىدارلىرىڭىز بىلەن بولغان مۇرەككەپ ئالاقە
مۇناسىۋىتىدە قىينالغانمىدىڭىز؟ ئەمدى ئەمدى ئەنسىرىمەڭ.
سىز بىر ياخشى ياردەمچىگە ئېرىشتىڭىز. ئۇ بولسىمۇ
شىركىتىمىز مەخسۇس قول تېلېفۇن كەسپى بىلەن
شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان «خېرىدارلار مۇلازىمەت
خاتىرىسى» يۇمشاق دېتالى.
بۇ سىستېما پۈتۈنلەي ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ئىشلەنگەن
بولۇپ، ئاساسلىقى قول تېلېفۇن تىجارىتى ۋە باشقا تۈردىكى
تېلېفۇن تىجارىتى بىلەن ئوخشاش خاراكتېردىكى تىجارەت بىلەن
شۇغۇللىنىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ.
بۇ سىستېمىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى: مال
سېتىۋالغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئالاقىلىشىش
شەكىللىرى... قاتارلىق بىر قاتار ئارخىپلارنى ساقلىغاندىن
باشقا، ھەر بىر خېرىدارنىڭ ھەر قېتىملىق مال سېتىۋېلىش،
مال قايتۇرۇش ۋە رېمۇنت قىلىش خاتىرىسى، سېتىۋالغان ۋاقتى،
مالنىڭ ئىسمى، ماركىسى، تىپى قاتارلىقلار خاتىرلىنىپ
ساقلىنىدۇ. ھەر بىر خېرىدارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئايرىم
خاتىرلىنىدىغان بولغاچقا، ئىزدەش قاتارلىقلارغا زور
قولايلىقلارنى ئىلىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يۇمشاق
دېتال ئارقىلىق يەنە تېلگراف تارماقلىرى تەمىنلىگەن ئۈچ
گۇرۇپپا نومۇر( مەۋھۇم نومۇر... ) قاتارلىقلارنى رەتلەش ۋە
ھەقىقىي نومۇر بىلەن مەۋھۇم نومۇرلارنى تەرتىپ بويىچە
تىزىپ گۇرۇپپىلاش ۋە بىرىكتۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى
ئىلىپ بارغاندا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەلىپى بويىچە تەرتىپكە
تىزىشقا ۋە گۇرۇپپىلاشقا بولىدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتال يەنە Unicode 4.0ئۆلچىمى بويىچە
تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش سىستېمىسىنىمۇ ئۆز
ئىچىگە ئالغان.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلەش مۇھىتى: Windows
2000/XP/2003 قاتارلىقلار.
|
|
 |
|
CSMS |
CSMS ھەققىدە |
سىستېمىدىن كۆرۈنۈشلەر |
ئىشلىتىش قوللانمىسى |
سېتىۋېلىش |
چۈشۈرۈش |
 |
|